قاراماي - ئۈرۈمچى تەبئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تاماملاندى


2006-07-18
Share

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت شىركىتى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان قاراماي - ئۈرۈمچى تەبئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى رەسمىي پۈتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىچكى ئېنېرگىيە ئىھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. جوڭگو نېفىت شىركىتى قارىمايدىن - ئۈرۈمچىگە گاز يۆتكەيدىغان كونا تۇرۇبا يولى كىچىك كېلىپ قېلىپ ئېھتىياجنى قاندۇرۇلمىغاندىن كېيىن، بۇ يېڭى تۇرۇبا يولىنى ياسىغان.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت - تەبئىي گاز بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ۋە بۇ رايوندىكى نېفىت تەبئىي گاز ئەسلىھەلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتۇشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا. جوڭگو تەرەپ رۇسىيە گازپروم شىركىتى بىلەن سېبىرىيە - ئالتاي ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ۋە ئالتايغا تەبئىي گاز يۆتكەشنى مۇزاكىرە قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدى. قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا قۇرۇلغان ئاتاسۇ‏ -ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا ئۆتكەن ھەپتە رەسمى نېفىت ئېقىتىلىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلار، بېيجىڭنىڭ نېفىت قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە رايوننىڭ نازۇك ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتىنى ۋەيران قىلىدۇ، دەپ تەنقىدلىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىس ئىسمائىل تىلىۋالدى، شىنجاڭدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى كەلگۈسى 15 - 20 يىلدا 100 مىليون تونىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قاراماي - ئۈرۈمچى تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىغا 75 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇش بىر مىليارد كۇپ مېتىر گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھىلەندە ۋە بۇ يىل 8 - ئايدا رەسمىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت