غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى 2010 ‏- يىلى رەسمىي ئىش باشلايدىكەن


2008.01.17

غەربنىڭ تەبىئي گازىنى شەرىققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇش لاھىيەسى ئاساسەن پۈتكەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 8794 كىلومېتىر كېلىدىغان مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن 143 مىليارد 490 مىليون يۈەن كېتىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پىلان بويىچە غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى قورغاس ئېغىزىدىن كىرىپ، مايتاغ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن خىتاينىڭ شىئەن ، نەنچاڭ ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلىرىغا ، يەنە بىر لىنىيىسى تۇرپاندىن خىتاينىڭ شەنشى ، خېنەن قاتارلىق جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى 2010 ‏- يىلى رەسمىي ئىش باشلاپ، 2012 ‏- يىلىغا قەدەر 30 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گازنى، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تۇرۇبا لىنىيىسى ئورنىتىلىدىغان جايلاردا تەكشۈرۈپ قېزىش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن. تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇنلار تارىمدىن ، چاڭچىڭغىچە سوزۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى تەبئىي گاز ئېنېرگىيىسىنىڭ ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ نارازى بولىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئىلىغا تەۋە بايلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمەس خىتايلارنى مەنپەئەتلەندۈرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.