ئىلى قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى


2004.09.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى يەكشەنبە كۈنى داغ - دۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، خىتاي دۆلەت كابىنېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 1954 - يىلى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئىدى . ئىلى ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىمۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قارمىقىدىكى رايونلارغا تارقالغان.

ئىلى قازاق ئوبلاستىنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 350 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى نوپۇسىنىڭ 4 مىليون 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى، ئىلى قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنى 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى غۇلجىغا خەن سۇلالىسى رىۋايەتلىرىدىكى "مەلىكە شىجۈن ۋە مەلىكە جىيۈلەرنىڭ خەن جەمەتى قەسرى" نى بەرپا قىلىپ ، 50 مىليون يۈەن خەجلىگەن. ئىلى قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغ - دۇغا بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇرماقتا.

چۈنكى بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ، 2004 ۋە 2005 - يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە كەڭ -كۆلەمدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى . ئەينى چاغدا ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن . تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلمەيدىغان 2005 - يىل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا دەل 50 يىل تولىدىغان يىلدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1955 - يىلى قۇرۇلغان ، 1985 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى داغ - دۇغا بىلەن تەبرىكلەنگەن ئىدى . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.