كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ


2004.11.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېلەر يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەييارلىق كومىتېتى قۇرغان. ئۇرۇمچىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرى، تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش گرىبىنى لايىھىلەش پائالىيىتى قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىق گرىبى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەدىنىيەت- سەنئەت، ئۇچۇر، ئېلان-سەنئەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي خادىملار لايىھىلەپ تەييارلىق كومىتېتىغا ئەۋەتكەن گرىبلار ئىچىدىن تاللىۋېلىنىدۇ. گرىبتا يەرلىك مىللىي مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇرچە-خىتايچە ئىككى خىل تىل- يېزىقنىڭ ئەكس ئېتىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى، خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىككىگە بۆلۈش پىلانى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېيچۈەننىڭ ئۆتكەن يىلدىكى “ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2004 ۋە 2005 - يىللىرى كەڭ كۆلەمدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ” دېگەن سۆزلىرى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ نازۇك بىر تېمىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1955 -يىلى قۇرۇلغان چاغدا، ئاپتونوم رايوندىكى 30 نازارەت ۋە كومىتېتنىڭ 26 سىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىكىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە ئالغان. بىراق ھازىر ھەر قايسى نازارەت ۋە كومىتېتلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 غىمۇ يەتمەيدۇ. (ئەركىن )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.