ئىسمايىل تىلىۋالدى: ش ئۇ ئا ر نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور سىياسى ۋەقە


2005.06.27

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش، "ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى زور ۋەقە شۇنداقلا زور سىياسى ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.

ئىسمايىل تىلىۋالدى بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ كيونلۇن مېھمانخانىسىدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان. ئەمما ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ زور سىياسى ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى دېگەندە نىمىلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنى 50 يىللىقىنى سالامەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. ئەمما چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، ئاتالمىش تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1955 - يىلى 10 - كۈنى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى تەرىپىدىن خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ياكى مۇستەقىللىققە مېڭىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، دەپ قارالغان. بىراق 50 يىللىق ئەمەلىيەت ئۇلارنى زور ئۈمىدسىزلىككە ئۇچراتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.