تەكلىماكاننىڭ ئۆمۈرى ھەققىدە يېڭى نەتىجە مەيدانغا كەلدى
2007.06.18
خىتاي ئالىملىرى، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ ،دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق -تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇلار ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەرشارى ۋاقتى تور بېتىدە 17 ئىيۇن كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئالىملار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆمرىنىڭ 5.3 مىليون يىل ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلارنى بايقىغان.
2002-يىلى خىتاي ئالىملىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆمۈرى 3.5 مىليون يىل بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىشتە، خىتاي ئالىملار يەنە قۇم ئۆرنىكى ئۇستىدىن ئانالىز ئېلىپ بارغان. شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن قۇم ئۆرنىكى بۇندىن 65 مىليون ئىلگىرى شەكىللەنگەن سېلوزوئىك ئېراسى قۇم قاتلىمىدىن ئېلىنغان ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- قازاقىستاندا يۈسۈپ مۇخلىسنىڭ " مەشئەل" رومانى نەشىردىن چىقتى
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان "ئەجدەرھانىڭ تاپىنى ئاستىدا" ناملىق كىتاپ نەشر قىلىنماقچى
- تۈركىيىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى'نى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى
- ئالما-ئاتادا، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى
- ئەرەب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ژورنىلى "تۈركىستان ئاۋازى"
- خىتاي، تۇرپاننى 'دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى' قىلىش ھەققىدە تەستىق چۈشۈرگەن
- "شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى