قىرغىزىستان دائىرىلىرى، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن


2005.05.03

قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىدىكى دائىرىلەر، ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ نارېن رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا بېشكەكنى زىيارەت قىلغان مەسئۇل خادىمىغا، دىلونىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈزۈل - كېسىل پاش بولمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ دىلو ئۈستىدىن ئاخىرىقىغچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە ماڭغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاپتوبۇسدىكى 19 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن شۇنداقلا جەسەتلەر كۆردۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

قىرغىزىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرىقى ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇستا ئەسلى شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 نەپەر يولۇچى بار بولۇپ، ئاپتوبۇسدىكى 19 جەسەت ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە ئائىتكەن. ئەمما ئاپتوبۇسنىڭ خىتاي شوپۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. بۇ قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئاقايېفنىڭ خىتاي بىلەن ئىناق ئۆتۈش سىياسىتى تۈپەيلىدىن رازۋىتكا ئورگانلىرى دىلونى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.