ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى
2005.08.08
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى -12 ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رە ئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۇيغۇر ئېلى ئىجتمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دىنلار ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ زىيارەت جەريانىدا، ئۇيغۇر ئىلى تاشقى ئىشلار ئىدارىسى، مۇھاجىرلار ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىدىكەن.
سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكىنىڭ، بۇنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا كەشمىرنى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىدى
- يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى ئۇيغۇر ئېتىپ تاشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش جەريانىدا ئۆلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ "شەرەپلىك" قۇربان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى باشلاندى