خىتاي باج ئىدارىسى "ئەقىدە شىركىتى" نى تەكشۈردى
2005.08.30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋە باج ئوغرىلاش بىلەن تەنقىدلىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ خادىملىرى دۈشەنبە كۈنى رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە سودا شىركەتلەر گۇرۇھى" غا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەقىدە سودا شىركىتىدىكىلەر، ساقچىلار ۋە باجخانا خادىملىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى باج تەكشۈرىمىز، دەپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ساقچىلار ۋە باج خادىملىرى شىركەت دېرىكتورى ئالىمنى تاپالمىغاندىن كېيىن قايتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
"ئەقىدە سودا شىركەتلەر گۇرۇھى" نىڭ باج كۆتىگى ۋە پۈتۈن ماتىرياللىرى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىركەت ئىلگىرى تۆلىگەن باجنى ھېسابلاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن باج رەسمىيىتى بېجىرىش توسالغۇغا ئۇچرىغان.
ۋاڭ لېچۈئەن، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا رابىيە قادىرنىڭ 1994 - يىلدىن 2004 - يىلغىچە 7 مىليون 180 مىڭ يۈئەن باج ئوغۇرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
"ئەقىدە سودا شىركەتلەر گۇرۇھى" نىڭ قانۇنى ھوقۇقى رابىيە قادىر 1999 - يىلى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ 1999 - يىلى قولغا ئېلىنغىچە بولغان جەرياندا 16 قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە " باج تاپشۇرۇش بايراقدارى،" دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يەنە ئەيىپلىدى
- رابىيە قادىر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى