نورۋېگىيە پۇل ئاجرىتىپ خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ جەمئىيەت ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىياتى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا گەۋدىلەنگەن ئىككى چوڭ مەسىلە، غەربىي رايوندىكى خەلقنىڭ مائارىپ قوبۇل قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، بولۇپمۇ 28% تىن كۆپ ياشلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ساۋاتسىز دېگۈدەك ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن چىققان. ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ باي ‏- كەمبەغەللىك پەرقىمۇ ئىنتايىن زور ئىكەن.

خىتاي غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەكشۈرۈشتە ئاساسەن 11 ئۆلكە ھەم ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر ئىچىدىن 44 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى، مائارىپ ئەھۋالى، سالامەتلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

نەتىجىدە خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا گەۋدىلىك تۆۋەن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ تەس بولۇشى، ئاساسلىق ئىقتىسادى ئايلانمىنىڭ ئاقما نوپۇس تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى، نوپۇسنىڭ يېزىلاردىن شەھەرگە قاراپ ئېقىش سۈرئىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى، باي ۋە كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زور بولۇشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى مائارىپ قوبۇل قىلالماسلىق، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنەلمەسلىك، داۋالىنالماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. (گۈلچېھرە)