ب د ت ئەمەلدارى، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دېدى


2005.11.22

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى.

مانفرىد نوۋاك سەيشەنبە،"سوراق باسقۇچىدا تەن جازاسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقانلىقى ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى " دەيدۇ. نوۋاك، ھەممە ئادەمگە ئايان بولغان بۇ مەسىلە مېنىڭ زىيارىتىمنىڭ بىر قىسىمى " دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت ئەمەلدارى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى دۈشەنبە كۈنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوۋاكنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى خالىغان مەھبۇس بىلەن تەنھا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان.

مانفىرد نوۋاك بۇ سەپىرىدە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تەنھا سۆزلىشىشكە يول قويغانلىقىنى ماختىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار بىلەن تەنھا ئۇچرىشىشىغا يول قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تەنھا ئۇچرىشىش تەلىپىنى رەت قىلمىغان.

مانفرىد نوۋاك دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئەمما خىتاينىڭ يول قويۇش سىياسىتىدىن گۇمان قىلغۇچىلار، مەھبۇسلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى پاش قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.