ب د ت ئەمەلدارى، خىتايدا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى
2005.12.02
ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى مانفىرد نوۋاك، بېيجىڭ، لخاسا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش " خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال،" دەپ كۆرسەتتى.
نوۋاك، ئىككى ھەپتىلىك سەپىرى جەريانىدا 30 دەك مەھبۇس بىلەن ئۇچرىشىپ، مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، خىتاي تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋە ئەدلىيە دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ، " مېنىڭ خۇلاسەم بويىچە تەن جازاسى بېرىش ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە" دەيدۇ.
مانفرىد نوۋاك، تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي قانۇن سىستېمىسىدا زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ، " سوت تەرتىپىنى خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ تەلىپى بويىچە ئادىل ئېلىپ بېرىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى. نوۋاكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان بەزى مەھبۇسلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان.
نوۋاك، ئۆتكەن دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىگىلىشىمىزچە، جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئۇ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن چەتئەل بىلەن ياكى مەھبۇسلار بىلەن ئالاقىسى بار بەزى كىشىلەرنى يىغىۋالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ب د ت ئەمەلدارى، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، دېدى
- ب د ت ئەلچىسى خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى: خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى