تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جىرالاردا تەبىئى ئۆسۈملۈكلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولماقتا

ئەگەر ھازىر سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش بۇيىچە جىددىي تەدبىر كۆرۈلمىسە، بۇ ھادىسە قاراسۇدىن فۇكاڭغىچە بولغان 280 كىلومېترلىق تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي بەلۋاغقا جىددىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، بۇنداق ھالەت ئۇزۇنغا سوزۇلسا، ھەتتا بۇغدا كۆلىمۇ ھەريىلى 7 مېتىر 70 سانتىمېتىر تارىيىۋاتقان ھازىرقى سۈرئەت بىلەن يەنە 440 يىلدا يەر يۈزىدىن تامامەن غايىپ بولۇشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سىچۇەندە قۇرغان تاغلىق رايونلاردىكى تەبىئىي ئاپەتنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن نىڭشېڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلۋاغلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتنى تەتقىق قىلغان.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چېن نىڭشېڭ ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدا، بۇغدا چوققىسىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ ھاسىل بولغان قىياندا تاغ قاپتاللىرىدىكى ئورمانلارنىڭ 10 دىن 6 سى ۋەيران بولغانلىقىنى، بىر نەچچە چوڭ جىرادا پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن دەرەخلەرنىڭ ئاندا-ساندا قالغانلىقىنى، تاغ ئېتىكىدىكى ئېقىن ئەگىملىرىدە بولسا، قىيان ئېقىتىپ كەلگەن لاتقا، شېغىل ۋە شاخ-شۇمبا قاپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جىرالاردا قىيان ئاپىتى پەيدا قىلغان ئالامەتلەر شۇ جايدا تۇرۇۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى ئاسراش ئېڭى ۋە قابىلىيىتى ئاجىزلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئەگەر ھازىر سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش بۇيىچە جىددىي تەدبىر كۆرۈلمىسە، بۇ ھادىسە قاراسۇدىن فۇكاڭغىچە بولغان 280 كىلومېترلىق تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي بەلۋاغقا جىددىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، بۇنداق ھالەت ئۇزۇنغا سوزۇلسا، ھەتتا بۇغدا كۆلىمۇ ھەريىلى 7 مېتىر 70 سانتىمېتىر تارىيىۋاتقان ھازىرقى سۈرئەت بىلەن يەنە 440 يىلدا يەر يۈزىدىن تامامەن غايىپ بولۇشى مۇمكىن.

 

 
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت