شىنجاڭ ھەربىي رايونى تۇنجى تۈركۈم خىتاي ئۇيغۇرتىلى تەرجىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى


2006.05.17

شىنجاڭ ھەربىي رايونى يېقىندا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تىلى خادىملىرىنى يېتىشتۈردى. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم بىر چېگرا قوغداش كادىرلىرىنى تەربىيلەش ئەتىرىتىدە 20 نەپەر خىتاي مەخسۇس ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىدە تولۇق كۇرسلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ چىققان. ئۇلار 6‏- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ھەربىي قىسىملىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىكەن.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىي دەسلەپ 1962‏- يىلى باشلانغان ئىدى. لېكىن 2002‏- يىلىغا كەلگەندە بۇ كەسپ 4 يىللىق تولۇق كۇرس كەسپىي قىلىپ بېكىتىلدى. 2002‏- يىلى ئوقۇشقا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 نەپەر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ بىلىم ئالغان. شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت-ياقا جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىر مەزگىل بىرگە ياشاپ، تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگەنگەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ۋە ھەر قايسى شىۋىلەردىكى تەلەپپۇزلىرىنى تولۇق ئىگىلىتىش ئىكەن.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىپلا قالماي، ئاز دېگەندە 3 تىن كۆپ ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى سۆزلىيەلەيدىكەن. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بۇ تەربىيلەش ئەترىتىدە يەنە، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى ۋە رۇس تىلى قاتارلىق ئون نەچچە ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە دۆلەت تىلى كەسپلىرى بار ئىكەن.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا بۇرۇندىن تارتىپ خېلى كۆپ تۈركۈمدە ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى بار ئىدى. ئەمما ھەربىي رايون ھازىر، مەخسۇس خىتايلاردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.