خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 41 توننا پارتلاتقۇچ بۇيۇمى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "داگوڭ باۋ" گېزىتى، ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تېررورچىلارنىڭ ھەر خىل پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرى توپلاپ، تەبىئى گاز تۇربا يولى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تاش يول ۋە تۆمۈر يوللارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە يەنە 1990 ‏- يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ تېررورچىلاردىن 41 توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ ئارىدا رويېترس ئاگېنتلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ كېلەر ئاي بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئاساسلىق رادىكال دىنىي كۈچلەر، بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلارغا قانداق زەربە بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا، رايون بويىچە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا قارىتا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفۇن يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تەبىئى گاز تۇربىسى، سۇ ئېلېكتىر، تاش يول ۋە تۆمۈر يوللارنى پارتىلتىشتەك تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىپ كەلگەنلىكى، بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پارتىلتىش دېلولىرىنىڭ بىر قەدەر ئازايغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، بۇ يىل 7 ‏- ئايدىن باشلاپ قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى پاش قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرى ياساشقا زەربە بېرىش ھەرىكتىنى جىددى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان.

جوڭگۇ دائىرىلىرى يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا قاراتقان زەربىسىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.

ئامما، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)