خىتاي ھۆكۈمىتى 18 نەپەر شەرقى تۈركىستان تېررورچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى


2007.01.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان چېگرىسى يېقىنىدىكى تاغلىق رايوندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 تېررور گۇماندارىنى ئۆلتۈرۈپ، 17 كىشىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى سۇڭ خۇڭلى، ھۇجۇم جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر خىتاي ساقچىسى ئۆلگەنلىكىنى ۋە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار 22 دانە گرانات ۋە 1500 دانە قۇراشتۇرۇلمىغان گراناتنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ھۇجۇمدا قېچىپ كەتكەن تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا جىددىي ھەرىكەت باشلاتقان. لېكىن ئۇلار ھۇجۇم جەريانىدا قانچە كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىرنېمە دېمىگەن.

خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باشلىقى، ۋەقەنىڭ ئېنىق قايسى يەردە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسراپ يېزىسىدا يۈز بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر بۆلگۈنچى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 1995‏- يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە 260 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملار جەريانىدا 160 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 400 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما دىپلوماتلار ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەمدە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن بومبىلاش ۋە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئايرىم شەخىسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.