خىتاي دۇنيادا "تېررورچى" دەپ ئاتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا


2007.01.17

خىتاي ھۆكۈمىتى بەشىنچى يانۋار كۈنى "پامېر تاغلىرىدا 18 نەپەر تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 17 سى قولغا ئېلىندى، قالغانلىرى قېچىپ كەتتى، ھازىر قوغلاپ تۇتۇش باشلاندى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قېيىن سۇئاللىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن ھىندىستاندا چىقىدىغان "دۆلەت ئەربابى" دېگەن گېزىتتە راجىندېر پۇرى ئەپەندى "كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇرۇش" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. پۇرى ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 ‏- يىلىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېرررورچىلارنى ھەرخىل شەكىل بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بايان قىلدى. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەشنى تىزلىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنى دۇنيادا تېررورچى دەپ ئەيىبلىنىشتىن قاچۇرۇشقا باشلىدى" دەپ بايان قىلدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.