خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان 3 خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى


2006.08.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولغان خىتاي دۆلەت كابىنتى سەيشەنبە كۈنى "خىتاي-پاكىستان 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى" نى تەستىقلىدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ داۋېي، 3" خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىش كېلىشىمىنىڭ ئىككى دۆلەت سۆھبىتى ئارقىلىق تۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ خىتاي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ۋە خىتاي مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2005‏- يىلى 3‏-ئاينىڭ 8-9‏- كۈنلىرى خىتاي، پاكىستان تەرەپ ۋەكىللىرى بېيجىڭدا ، ئىككى دۆلەتنىڭ 3" خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش ھەمكارلىقى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كېيىن 5‏- ئاپرىل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاب ئەخمەتخان شېرپاۋ بىلەن بىرلىكتە بۇ كېلىشمگە ئىمزا قويغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاي دۆلەت كابىنتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنىڭ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ "‏3 خىل كۈچلەر" گە زەر بېرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكىستاندىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەنمۇ بۇ كېلىشىمنى تۈزگەن ئىدى. پاكىستان بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت