مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە
2006.09.05
11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى چەتئەللىك سودىگەرلەرنى رايونغا مەبلەغ سېلىشقا رەغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن 2- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شىنجاڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرۇدىغان جاي ئەمەس. ئۇ شۇنداقلا "شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرىنى ياشاۋاتىدۇ، دېگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇلارنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئوساما بىن لادىن بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بايان قىلماقتا.
لېكىن غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن توساتتىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
جەنۇبىي جۇڭگو سەھەرلىك گېزىتىنىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئاتاقلىق ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى درۇ گىلادنى، ئۇيغۇلارنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكولىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىق تەھدىتىدىن ئۇيغۇرلانى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى تېررورچى ياكى بۆلگۈنچى دەپ قارايدۇ، دېگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 41 توننا پارتلاتقۇچ بۇيۇمى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي- قازاقىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشتى
- خىتاي- قازاقىستان بىرلەش مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىدى
- قازاقىستان - جۇڭگو تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى
- خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان 3 خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى