مەركىزى لوندوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مارك لاتىمېر، ئىنتېر پرەس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بەدىلى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تۆلەنمەكتە " دەيدۇ.
ئىنتېر پرەس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاتىمېر، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، تىبەتلەر ۋە موڭغوللارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاز سانلىقلار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە نۇرغۇن دىلولار مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى نىشانغا ئالغان ۋە بۇ خالىغانچە قولغا ئېلىش، سوت قىلماي تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تەن جازالىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر قىسىمى، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. (ئەركىن)