خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن چىقىرىشقا تەييارلانماقتا


2005.09.22

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تېررورچىلىققا قارشى مەخسۇس قانۇن چىقىرىشقا تەييارلانماقتا.

خىتايدىكى "جۇڭگو بانكىسى" نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭ جۈنبو مەزكۇر ئاگېنتلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھازىر جىددىي تۇتۇش قىلىپ، تېررورچىلىققا قارشى قانۇننىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شياڭ جۈنبو، بۇ قانۇندىكى مۇھىم بىر بۆلەكنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بۇ قانۇن مەزمۇنلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن باغلايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ قانۇن تۇرغۇزغۇچىلىرى تېررورچىلىققا قارشى قانۇن تۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.

ئەمما نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىپ كەلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.