فرانكفورتتا يېڭى شۆبە تەشكىلات قۇرۇلدى


2007.05.20

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ بىر شۆبىسى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 19 - ماي كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس، قۇرۇلتاي نەشىرىيات-تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىق بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن فرانكفورت شەھىرىدىكى دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭغا فرانكفورت شەھرىدە ياشاۋاتقان كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى فرانكفورت ئۇيغۇرلىرى ۋە گېرمانىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، تۈركىيە ھەم فرانسىيىدىن كەلگەن مېھمانلارمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.

دېموكراتىك ئاساستا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، فرانكفورتا ياشاۋاتقان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان "ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى فرانكفورت شۆبىسى" نىڭ رەئىسلىكىگە، ئوسمان تۇرسۇن مۇئاۋىنلىقىغا، ئەلى ئابدۇرۇسۇل باش كاتىپلىققا سايلاندى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ فرانكفورت شۆبىسىنى قۇرۇش ئىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندىن قوللىغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئۆز خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.