تېتىما كۆلىنى قۇم بېسىپ كەتكەن


2004.12.07

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى تېتىما كۆلىنىڭ ئورنى يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە 30 - 40 كىلومېتىر غەربكە سۈرۈلگەن. كۆل يۈزىنىڭ بۇ قىسمىنى، قۇرۇقتاغ تەرەپتىن كەلگەن قۇم بېسىۋالغان. تېتىما كۆلىنىڭ بىردىن - بىر سۇ مەنبەسى تارىم دەرياسى بولۇپ، بىراق ھازىر كۆل مەركىزى لوپنۇر - چاقىلىق تاش يولىنىڭ غەربىگە يۆتكەلگەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تېتىما كۆلىنىڭ 1965 - يىلدىكى ئورنى ، كېيىنكى يىللاردا ياسالغان لوپنۇر - چاقىلىق تاش يولىنىڭ 20 كىلومېتىر شەرقىدە ئىكەن.

1321 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تارىم دەرياسىنىڭ بىر ئېقىمى ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى تېتىما كۆلىگە قۇيۇلاتتى. تېتىما كۆلىنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كەتكەنلىكتىن، تارىم دەرياسى مەزكۇر كۆلگە قۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، يېپىنچە ئۆسۈملىكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا سۇ مەنبەسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى تېتىما كۆلىنى قۇم بېسىپ كېتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر دەپ قارىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تېتىما كۆلى قۇرغاقچىلىق پەسىلىدە شورلۇققا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىكلەر تەرىپىدىن تېتىما دەپ ئاتالغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.