تەيۋەن ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار
2008.01.23

1944 - يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يوقالغانغا 60 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيەت ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىھنىدىن يوقالغان ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئارخىلاپلار سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ،لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
كىشىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئارخىپلىرىدىن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى ناھايىتى چەكلىك. گومىنداڭ ئارخىپلىرىدىكى ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش بولسا يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئىمكانسىز ئىدى. ئەمما تەيۋەن ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، تەيۋەن ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى. ئالدىنقى يىلى تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارخىپ ئىدارىسىغا كىرىش ۋە گومىنداڭ ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ، ھازىرغا قەدەر كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدىنقى يىلى تەيۋەندە ئېلىپ بارغان ئىلىم تەھسىلى جەريانىدا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارخىپ ئىدارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت ئارخىپلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بىزنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئېلىپ بارغان بۈگۈنكى سوھبىتىمىزنىڭ تېمىسى بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بولدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىنىڭ5TV تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
- تۈرۈك دۇنياسىنىڭ يارىسى شەرقى تۈركىستان
- خىتاي ئارخىپلار ئارقىلىق تەشۋىقات قىلماقتا
- دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى
- ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرى ۋاپاتىنىڭ 55 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى









