خىتاي ساقچى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ماقالىدە، بۇنىڭ خىتاي ئەنئەنىسى بۇيىچە" كۈزلۈك ھوسۇلدىن كېيىنكى ئۆچ ئېلىش" دەپ ئاتلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 4 - ۋە 10 - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بولۇپمۇ "شىنجاڭ" دا " بۆلگۈنچىلىك ئېلىمېنتلىرىغا" قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۇننىڭ يېقىندا چاقىرىلغان بىخەتەرلىك خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ماقالىدە جۇ خەيلۇننىڭ " بىز بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە تۆمۈر مۇشتۇم بىلەن زەربە بېرىشىمىز زۆرۈر... ئالدىنئالا قول سېلىش، باش كۆتەرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش، ئالدىنئالا زەربە بېرىشىمىز كېرەك" دېگەن سۆزلىرىگە يەر بەرگەن. ماقالىدا مۇنداق دەيدۇ": جۇ خەيلۇننىڭ بۇ جىددىي خىتابى بېيجىڭنىڭ كۆپ قىسىمى مۇستەقىللىقنى ئەمەس، خىتاي ئاساسى قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلىدىغان يەر ئاستى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا رەھىم - شەپقەت قىلمايدىغانلىقىدا گۇمان يوقلۇقىنى كۆرسەتمەكتە."
ماقالىدە يەنە، دائىرىلەرنىڭ دېڭىز بۇيىدىكى ئۆلكىلەر، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەھەللە - كويلارنى كۆزىتىدىغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قوشۇمچە خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى، ياز پەسلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئارمىيە ۋە ژاندارما قىسىملارغا ئۇيغۇر ئىلى بىلەن تىبەتكە يۆتكىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، نەنجىڭ ھەربىي رايونىدىكى ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا قاتناشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ": بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە سىياسى ئۆكتىچىلىرىگە ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىنى بەرمەيدۇ."