كانادانىڭ ۋاڭكوۋېر شەھىرىدىكى تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2007.03.11
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيى تور بەتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-مارت كۈنى كانادانىڭ ۋاڭكوۋەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.
نامايىش ۋاڭكوۋەردىكى تىبەتلەر جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىنغا ۋاڭكوۋەردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئۆمەرجان بورە ۋە يەنە بىر قىسىم ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر نامايىشقا شۇ يەردىكى تىبەتلەردىن باشقا يەنە كانادانىڭ بىرىتىش كولومبىيە رايونىدىكى بىر قىسىم تىبەتنى قوللايدىغان ئورۇنلار ۋە، ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئادەم سانى 300 دىن ئاشقان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆمەرجان بۆرە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەپ تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغاندا، نامايىشچىلار " شەرقىي تۇركىستانغا مۇستەقىللىق" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
نامايىشچىلار يەنە ۋانكوۋەر شەھەر مەركىزىدىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە بولغان 6 يەرىم كىلومېتىر مۇساپىنى نامايىش بىلەن پىيادە بەسىپ، يول بويى تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 10-كۇنى تىبەتلەرنىڭ 1959-يىلى يۇز بەرگەن چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ 48 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، ئەشۇ يىلى دالاي لاما تىبەتتىن قېچىپ چىققان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە بىرلىشىش يولىنىشى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 2005-يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 10 نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان دالاي لامانىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە رابىيە قادىر سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغان شۇنىڭدەك دالاي لاما شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى خەلقنىڭ تەقدىرداشلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارا تىبەتھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)