تۈركىيە تىجارەت مىنستىرلىكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىقتى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.30
2008.08.30
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە تىجارەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا توختاپ، خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چەن دېمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلسىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ 2009 - يىللىق تىجارەت پروگراممىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرى زىيارىتى جەريانىدا 17 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى ھەمكارلىق ۋە سودا يەرمەنكىسىدە تۈرك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنى ئاچىدىكەن شۇنىڭدەك بەزى يىغىنلارغا قاتنىشىپ سۆز قىلىدىكەن.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق تىجارەت ھەجىمى 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت
بۇ رەقەمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى قىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.