كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلمەكچى
2004.11.29
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش مەقسىتىدە يېقىندا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى قارار قىلغان.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە پەقەت ئاز سانلىق مىللەت تىل ئەدەبىياتى كەسپىدىن باشقا بارلىق ئاساسىي ھەم كەسپى دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتېتىدىن باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئالىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان بولۇپ، بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتاي بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەلىپىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس خىتاي تىلى كۇرسلىرىدا تەربىيىلىمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ بولۇپمۇ مىللىي ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپچىلارغا زەربە ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار "خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمەيدۇ" دىگەن باھانە بىلەن مائارىپ سېپىدىن ئايرىلماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇلىرىنى نابۇت قىلماقتا
- ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىدى
- ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ سۈپىتىنىڭ مۇناسىۋىتى
- خىتاي تىلىنىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
- خىتايچە ئوقۇشنىڭ ئىش تېپىشقا پايدىسى قانچىلىك؟
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ
- بىڭتۈئەن قومداندانى، بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋﯤ تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە