ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەۋەلىكىدىكى كۇيتۇڭ بېكىتىدىن مايتاغ، ئورقۇ، فۇخەيلەردىن ئۆتۈپ بېيتۇنگە ئۇلىشىدىغان 462 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يولنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە 457 كىلومېتىرلىق تۇرپان-كورلا تۆمۈر يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى پىلاننى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۆمۈريوللارنى ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش لېنىيىسىگە تۇتاشتۇرۇش پىلانى بۇيىچە، ئاپتونوم رايون مەبلەغ سالغان بىڭتۇەنگە تەۋە كۇيتۇڭ-بېيتۇن تۆمۈر يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە تۇرپان -كورلا تۆمۈر يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2007 - يىلى 1 - ئايدا ئىش باشلايدىكەن. (ۋەلى)