خىتاي ھۆكۈمىتى 294 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھازىرقى چېگرا تاشيول قاتنىشىنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتنىشىغا ئۆزگەرتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا 802 كىلومېتىر تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساش پىلانى قۇرغان ۋە كېرەكلىك مەبلەغنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىشىپ چىقارماقچى ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇقلۇق قاتنىشى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ئىچىدە ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاندىن باشقا رايوندىكى پۈتۈن دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا سودىسى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. 2005- يىلى خىتاي - قازاقىستان سودا ھەجىمى 6 مىليارد دوللارغا يەتكەن. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ 2006 يىلىنىڭ دەسلەپكى 3 چارىكىدە سودا ھەجىمى 24 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. خىتاي تاموجنا ئىدارىسى، خىتاي- موڭغولىيە سودا ھەجىمىنىڭ 2006 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بىر مىليارد 130 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي رامكىسى ئىچىگە ئېلىپ كىرىش پىلانى ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. (ئەركىن)