ئالتايغا مەخسۇس بايلىق ئېچىش تۆمۈر يولى قۇرۇلماقچى


2007.02.06

ئالتاي خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 4 - فېۋرال كۈنى ئالتاينىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق يەر باشقۇرۇش، تومۇر يول ئىدارىلىرىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ھەمدە بىڭتۇەن 10 - دېۋىزىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشلىقلىرىنىڭ قاتناشچىلىقىدا مەخسۇس تۆمۈر يول قۇرۇلۇش يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا، دائىرىلەر بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىن باشلاپ تۈنبېي تومۇر يولى نامىدا مەخسۇس تۆمۈر يول قۇرۇلۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان.

پىلانلىنىشىچە، ئالتايدا ياسالماقچى بولغان بۇ تۆمۈر يولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 459 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ بۇ يىل 4 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بەش يېرىم مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالغان.

يىغىندا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى سارخات "تەيبېي تۆمۈر يولىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ "بۆرۈلتوقايدا قۇرۇلماقچى بولغان تۈنبېي تومۇر يولىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ھەر ساھەلەر ماسلىشىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ تۆمۈر يول رايونىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىش، غەربنى ئېچىش، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت چېگرىسىنى قوغداش ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە" دەپ تەكىتلىگەن.

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرگە تۆمۈر يولى ئۇلىغاندىمۇ، تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرىقىغا ئوخشاش شەرھىلىگەن ئىدى، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي بەلكى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ، خىتاي كۆچمەنلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبئىي مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.