ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تارىم ئايلانما تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلىدۇ


2005-06-14
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە خىتاينىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانى ئىچىدە قۇمۇلدىن لوپنۇرغا تۆمۈريول ياتقۇزىدىكەن شۇنداقلا قەشقەردىكى تۆمۈريولنى خوتەنگە قەدەر تۇتاشتۇرىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەيھان يۈسۈپ، تۆمۈريولنى لوپنۇرغا تۇتاشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، مەزكۇر رايونىنىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان كالىيلىق تۇز بايلىقىغا موللىقىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.

رەيھان يۈسۈپنىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەت كورلا بىلەن قەشقەر ئارىسىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇشنى پىلانلىغاندا كىرىمنىڭ چىقىمنى قامدىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇ، "ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا تۆمۈريول ياسش توغرا بولغان،" دەپ تەكىتلىدى. ئەمما قەشقەرگە تۆمۈريول ئاپىرىش، مۇھىت ئاسرىغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، بۇ يىل ئاپرىلدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا كورلا - قەشقەر تۆمۈريولىنى تەنقىد قىلىپ، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، مۇھىتنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك قارغۇلارچە تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياراتتى،" دەپ ئەيىبلىگەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2004 - يىلى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن خىتاي يولۇچىلارنىڭ سانى 12 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا ٪ 23 ئاشقان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت