گۋاڭجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن


2004.11.09

ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۋاڭجۇ شەھىرىنىڭ بەييۈن رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا نۇرغۇنلىغان كىشى يارىلانغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى گۋاڭجونىڭ بەييۈن رايونىدا كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنى ئۇرغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان.

خىتاي گېزىتلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىدىن تاياق يىگەن ئۇيغۇر تىجارەتچى دۇكىنىنى تاشلاپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي 70 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن قايتىپ كەلگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدا پىچاق تۆمۈر كالتەك قاتارلىق قوراللار بار ئىكەن، بىراق ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارغاندا، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋەقەلىك جەريانى، ئەسلى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكتىن تامامەن پەرىقلىنىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.