گۋاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ئۇيغۇرلار ئەرز سۇنۇشنى پىلانلىماقتا
2004.11.11
ئۆتكەن شەنبە كۈنى گۋاڭجۇڭنىڭ بەييۈن رايۇنىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنۇشنى پىلانلىماقتا.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، توقۇنۇشتا خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن يارىلانغان ئىككى ئۇيغۇر نۆۋەتتە گۋاڭجۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككلىسى تېخى ئورنىدىن قوپالمايدىكەن.
بۇ ئىككى يارىدارغا قاراۋاتقان بىر ئۇيغۇركىشى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قۇلاق قىسمىنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ھازىر ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن گەپ سۆزلىرىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بارلىق دوختۇرخانا چىقىملىرىنى يارىدارلار ئۆزلىرى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇشقا چېتىشلىق ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە سوتقا ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ يارىدارلارنىڭ چىقىمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلماقچى ئىكەن. بىراق بۇ كىشى، ئۇلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرزىنىڭ ئاقماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. (ئارزۇ)