سەندوڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

6 - ئاينىڭ 27 ۋە 28 - كۈنلىرى سەندوڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەزكۇر مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىدار قىلىندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يارىدار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ھازىرغا قەدەر خەتەردىن قۇتۇلالمىغان. ۋەقە، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شەخسى ماجراغا ئارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان. نەتىجىدە ماجراغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

200 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چەتئەل تىل ئىنىستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياتاقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئېغىر يارىلاندۇغان. ئوقۇغۇچىلار ياتىقى خىتايلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.

بۇ جەرياندا زىبو شەھەرلىك دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سالغان بولۇپ، 27 - ئىيۇن كەچتە باشلانغان جىدەلنى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 3 تە ئاران باستۇرغان. ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈندىن باشلاپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلەتتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ۋەقەنى مىللىي مەسىلىگە ياتىدىغان ئىنتايىن نازۇك مەسىلە، دەپ قارىغان شۇنداقلا جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. (ئەركىن)