كورلىدىكى دېھقانلار ساقچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كېۋەزلىكلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئېرىق قېزىشى سەۋەبىدىن، دېھقانلار بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش تەپتىش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. شۇنداقلا توقۇنۇشتا ئىككىلا تەرەپتىن 7-8 دەك كىشى يارىلانغان.

نۆۋەتتە، دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى ئۇلارغا كېۋەزلىكلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئېرىق قېزىش رۇخسىتىنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما بۇ يەردىكى دۆلەت يەر-زىمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەپتىش ئەترىتى بولسا، دېھقانلارنىڭ بۇنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدا چىڭ تۇرغان.

دېھقانلارنىڭ ئېرىق قېزىشىنى توساش ئۈچۈن كەلگەن مەزكۇر ئەترەت خادىملىرى، دەسلەپ بۇ يەردىكى بىر دېھقاننى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ يېزىدىكى غەزەپلەنگەن دېھقانلار توپلىشىپ، 100 گە يېقىن كىشى ئون نەچچە تەپتىش خادىمى بىلەن قارشىلاشقان. نەتىجىدە ھەر ئىككىلا تەرەپتىن 3 تىن كىشى ئېغىر يارىلانغان. شۇنداقلا بۇ توقۇنۇش كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ توپىلاڭغا قارشى تۇرۇش ئەترىتى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بېسىققان.

نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بىز بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئەمما بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىم بۇ ھەقتە بىر نېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. (پەرىدە)