خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىن خىتايغا يىتىپ كىلىدىغان رادىئو پروگىراممىلارنى توسۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى


2004.10.25

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ چەتئەللەردىن ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە چەتئەلنىڭ رادىئو دولقۇنلىرىغا كاشىلا قىلالايدىغان ئىلغار ئانتىنىلارنى ئورناتتى. بۇ ئانتىنىلارنىڭ چۆگىلەپ تۇرۇپ قىسقا دولقۇن توسۇش قابىلىيىتى بار بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ ئىكەن.

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان بۇ خىل ئىلغار ئانتىنىلارنى فىرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، فىرانسىيە سالىس (Thales) شىركىتىدىن سېتىۋالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل ئىلغار تىپلىق ئانتىنا ئەسۋابلىرى ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تىلۋىزىيىسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق قىسقا دولقۇنلۇق رادىئو پروگىراممىلىرىنى توسۇشتا ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ خەينەن، نەنجىڭ، كۈنمىڭ قاتارلىق ئون نەچچە شەھەر ۋە رايۇنلىرىغا بۇ خىل ئانتىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان. " ئولۇغ ئىرا گېزىتى" خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى، خەلقنىڭ ئۇچۇر ئىگەللەش ھوقوقىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ ئەيىپلىگەن.

يېقىندىن بۇيان رادىيومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە خوتەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ پروگىراممىلىرىنى ئاڭلاشنىڭ قىيىن بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار كەلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.