ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 10 ئادەم ئۆلدى


2006.10.06

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پەيشەنبە كۈنى بىر يولۇچىلار ئاپتوبوسى يۈك ماشىنىسىغا ئۇرۇلۇپ كېتىپ يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم ئۆلدى.

قاتناش ۋەقەسى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەر سائەت 4:30 لەردە كۇچار ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يولۇچىلار ئاپتوبوسى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كېتىپ بارغان ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتوبوسدىكى يولۇچىلاردىن 8 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 2 يولۇچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ۋەقەدە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قاتناش قوراللىرىغا يۈكنى ھەددىدىن زىيادە بېسىش، تەلۋىلەرچە ماشىنا ھەيدەش ۋە يول شارائىتىنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق ئامىللار رايوندا پاجىئەلىك قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.