ئۇيغۇر ئىلىدا 2003 - يىلغىچە 3 مىليون بوۋاق تۇغۇلالمىدى


2005.01.07

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا 1988 -يىلدىن بېرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 دىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرىشىنى قەتئىي چەكلىگەن. "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى، 2003 -يىلى٪ 16 گە ئازايغان. بۇ سان خىتاينىڭ 9 - بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە ٪ 19.66 ئىكەن. ئامما "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نوپۇستىكى ٪ 19 ئارتىشنى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى، دەپ ئاتىغان. ئىسمايىل تىلىۋالدى، پەيشەنبە كۈنى خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر مىليارد 30 مىليونغا ئۇلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ يۇقىرىقى يىللار ئىچىدە 3 مىليون ئاز تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 3 ٪ ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇسنىڭ ٪ 19 ياكى ٪ 16 كۆپىيىش نىسبىتى، ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتى ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى تەنقىدىگە ئۇچرىغان. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى يېقىندا 1987 - يىلدىن ھازىرغىچە 8 يېرىم مىليون بوۋاقنىڭ تۇغۇلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قورساقتىكىنى بوۋاقلارنىڭ٪ 58 تۇغۇلالمايدىغانلىقى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.