تۇمشۇق شەھىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۈرىتى تىزلىتىلمەكتە
2006.03.19
بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى تۇمشۇقنى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى سۈرىتىنى تېزلىتىپ، بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سالماقتا.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، تۇمشۇق شەھەر دائىرىلىرى بۇ شەھەرنىڭ سودا، باج، يەر-مۈلۈك، پۇل-مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە قولايلىق شارائىت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش ئارقىلىق بۇ شەھەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق كارخانىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.
شەھەر دائىرىلىرى تۇمشۇقنىڭ قىرغىزىستانغا تۇتۇشىدىغان تورغات ئېغىزى، پاكىستانغا تۇتۇشىدىغان قونجىراپ ئېغىزلىرىغا بارىدىغان مۇھىم ئۆتكەللىك ئالاھىدىلىكى ھەمدە بۇ يەرنىڭ چېگرا سودىسى، چەتئەللەر بىلەن سودا ئالاقە قىلىشقا قولايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىچىلارغا پايدا بېرىش ھەم ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئارقىلىق شەھەرنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.
تۇمشۇق شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى خىتاي ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 3 -دىۋىزىيىسى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، شەھەر ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا " بىڭتۈئەن" نىڭ بىرقانچە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى جايلاشقان.
ئەسلىدىن ئۇيغۇر يېزىسى ھېسابلانغان تۇمشۇق، خىتاي ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم مەركىزىي نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇمشۇقنى شەھەر قىلىش ئارقىلىق بۇ يەرنى خۇددى شىمالدىكى شىخەنزىدەك، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ خىتاي شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەرنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. (ئۈمىدۋار)