خىتاي ساقچىلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە 179 تۇڭگاننى تۇتۇپ كەتكەن


2005.08.18

يېقىندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە "رەزىل دىنلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى" نى ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردىكى 179 نەپەر تۇڭگان سالار مۇسۇلمانلىرىنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ تۇتۇپ كەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ تۇڭگانلار، سالار مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتىقاد قىلىش ئۇسۇلى بولغان "سالار" دىنىي پائالىيىتىگە چوقۇنىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى قانۇنسىز يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە پەن- تېخنىكىغا ھەمدە جەمئىيەتكە قارشى دىنىي تەشۋىقاتلارنى قىلغان دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

ئىلى ۋىلايىتىدىكى فېڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ساقچى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھەقىقەتەن "رەزىل دىنلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى" نى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلغان.

"سالار" خىتاينىڭ چىڭخەي ۋە گەنسۇدا ئولتۇراقلاشقان ئىسلام دىنىدىكى سالار مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتى بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيىتىدە سەۋر- تاقەت، يول قويۇش، ئەدەپ- ھۆرمەت ۋە ئاددىي- ساددىلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭغا ئاساسلىقى سالار ۋە تۇڭگانلار ئېتىقاد قىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.