ئۇيغۇر ئېلىدە تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ئېغىرلاشماقتا


2007.07.02

جۇڭگو گېزىتىنىڭ 2- ئىيۇل بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان يىراقتىن سېزىش تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1.03 مىليون كۋادرات كىلو مېتىر زېمىن، تۇپراقنىڭ قۇمداپ كېتىش ھادىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ 70 مىڭ كۋادرات كىلومېترلىق بوستانلىقنىڭ 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر قىسمىنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى تۇپراقنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: "بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىسى بەك ئاجىز. تەبىئي ئامىللاردىن باشقا يەنە، ئىنسان پائالىيىتى تۇپراقنىڭ قۇملاپ كېتىشىدە مۇھىم تەرەپنى تەشكىل قىلىدۇ" دەيدۇ.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا تارىم دەرياسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەددىدىن ئارتۇق تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

نەتىجىدە، تۇپراقنىڭ قۇملىشىش ھادىسىىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 90 ناھىيە ئىچىدىكى 80 ناھىيىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلى تېررىتورىيىسىنىڭ 3 دەن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 12 مىليون ئادەم، ئىچىملىك سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىش ھادىسىنىڭ ئەگەشمە تەسىرلىرىگە ئۇچرىغان.

ئۇيغۇر ئېلى سۇچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ تېگىمۇ بەك قۇمداپ كەتكەن ۋە يەنە ، ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇر ئېلى تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ 3 دەن بىر قىسىمى قۇملىشىپ كەتكەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى ئەڭ ئاز دېگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىغا قۇم يامراپ كېتىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.