خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 100 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ تۇرالغۇ-ئۆي جامائەت فوندى يوق ئىكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى پۇقرالارنىڭ كارخانىلىرى ۋە پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 141 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 50 مىڭ ئادەمنىڭلا تۇرالغۇ-جاي جامائەت فوندى بار ئىكەن.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىمۇ قىيىنلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى خىتايلار ئىگىلىگەن.
دۆلەت ئىگىلىكى ۋە پاي تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ خىتايلاردىن تەشكىل قىلىنىشى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئۆي سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىپ بەرگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېغىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋەلىپ ماكانلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن. (ئۈمىدۋار)