ئەزەربەيجاندا تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
2007.11.18
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدە تۈركىي دۆلەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە سابىق تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دەمىرەل قاتارلىق ھەر قايسى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلغان.
ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي ئاگېنتلىقى "داي-ئاز"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىنغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈركىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەكىللىرىدىن باشقا رۇسىيە تەۋەسىدىكى تاتارىستان، باشقۇرتىستان، چۇۋاشىيە، داغىستان، قاباردىنو-بالقارىيە، قاراچاي-چېركەس، ئالتاي، خاكاسىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 30 دۆلەتتىن كەلگەن، 550 نەپەر ۋەكىل ئىشتىراك قىلغان.
بۇ قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى تۈركىي دۆلەتلەر ھەم خەلقلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىشتىن ئىبارەتتۇر.
قۇرۇلتايدا يەنە ئەرمەن-ئەزەربەيجان، تاغلىق قارا باغ توقۇنۇشى، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى تۈركىي تىللىق ئاھالىلار مەسىلىسى ۋە باشقا تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئەزەربەيجان "داي-ئاز" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان " تۈركىي تىللىق مەملىكەتلىرى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دائىمىي سېكرېتارىياتى" قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. تايىپ ئەردوغان ئۆتكەن قېتىمقى قۇرۇلتايدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
" بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قولىمىزدا، مەن ئىشىنىمەنكى، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىزلەرنىڭ كۈچىمىز بار،ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، ئەگەر بىز بۇلارنى قىلالمىساق بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا گۇناھكار بولىمىز" دەيدۇ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قۇرۇلتايدا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېررورغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماسلىقى كېرەك
- مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشتى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش مىنىستىرلىرى پۈتۈشتى
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- تۈركىيە ئارمىيىسى كۇردلارغا زەربە بېرىشنى باشلىدى
- ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق رولچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلمەكتە
- نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشنى يەنە تەشەببۇس قىلدى
- رۇسىيە، نەزەربايىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتسادىي ئىتتىپاقى پىلانىغا سوغاق مۇئامىلە قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدەگۇۋالىق يىغىنى ئېچىلدى