تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالى تور بېتىگە قويۇلدى
2008.01.21
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى فاتىھ مىللەت قوليازما ئەسەرلەر كۈتۈپخانىسى 7 يىلدىن بۇيان رېمونت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 2-ئايدا يېڭىدىن خىزمەتكە ئېچىلماقچى. بۇ كۈتۈپخانىدا دۇنيادا بىرلا نۇسخىسى بار بولغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالىدىن باشقا 30 مىڭ ئەتراپىدا قوليازما ئەسەر ساقلانماقتا ئىكەن. كۈتۈپخانا مۇدىرى مەلەك گەنچبوياچى خانىم سونسايفا تور بەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، بۇ كۈتۈپخانا بىناسىنىڭ ئىستانبۇلدا 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 7 يىلدىن بېرى بىنا يېڭىدىن رېمونت قىلىنغاندىن باشقا، 30 دانە قول يازما ئەسەرنىڭ تور بېتىگە قويۇلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ` تۈركىي تىللار دىۋانى `ناملىق ئەسىرىنىڭ ئورگىنالىنىڭمۇ بارلىقىنى دېگەن. بۇ خىزمەت ئۈچۈن 2 مىليون 500 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل خەجلەنگەن. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن بىر نۇسخىسى يەنى ئورگىنالى بۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانماقتا.
ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالىنىڭ تور بېتىگە قويۇلىشىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەردە مىللىي غۇرۇرنىڭ كۈچىيىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈرك دۇنياسى بىرلىكى، تۈركىي مىللەتلەرگە ئورتاق ئېلىپە تۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ تور بېتىگە قويۇلىشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە ئورتاق تىل يارىتىشقا ئاساس سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىرىدا `تۈركىي تىللار دىۋانى` ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىيارباقىر شەھىرىدە 1857-يىلى تۇغۇلغان ئالى ئەمىرى ئەپەندى، `تۈركىي تىللار دىۋانى `ناملىق ئەسەرنى ئىستانبۇلدىكى بىر كىتابپۇرۇشتىن 33 لىراغا سېتىۋالغان. ئۇ ۋاقىتتا كىتابنى ساتقان كىشى بولسۇن كىتابنى سېتىۋالغان ئالى ئەمىرى ئەپەندى بولسۇن بۇ كىتابنىڭ `تۈركىي تىللار دىۋانى` ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئەگەر كىتابپۇرۇش بۇرھان ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ `تۈركىي تىللار دىۋانى` ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا تېخىمۇ قىممەتكە ساتقان بولاتتى. ئەگەر كونا كىتاب ئەتكەسچىلىرى بىلىپ قالغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ساتقان ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ چىقىپ ساتقان بولاتتى. ئالى ئەمىرى ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ `تۈركىي تىللار دىۋانى` ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپ خۇشاللىقىدىن كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەن ، گېلىدىن يېمەك - ئىچمەكمۇ ئۆتمىگەن. كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر شەخىسلەردىن زىيا گۆككالپ، فۇئات كوپرۇلۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كېلىسلى رىفات ئەپەندى تەرىپىدىن ئوسمانلى تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلدۇرۇلغان. ئىستانبۇلدا مىللەت كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان نۇسخىسى مانا مۇشۇ نۇسخىسىدۇر.» (ئەركىن تارىم)
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.









