' تۈركىيە، مەخمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازارلىرىنى قايتىدىن ياسايدۇ'

تۈركىيىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىسىتىرى كۇرشات تۈزمەن يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بېرىپ مەخمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازارلىرىنى زىيارەت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.03

 تۈركىيىدە چىقىدىغان دۇنيا خەۋەرلىرى تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى كۇرشات ئەپەندى بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە، 'تۈركىيە بۇ تارىخىي ئىزلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياسايدۇ،' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كۇرشات ئەپەندىنىڭ بۇ زىيارەت ئۆمىكىگە تۈركىيە مەر - مەر شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتاينىڭ قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غۇپۇر بىللە بولغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.