تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى


2007.09.02

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئەپەندى باشلامچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 31- ئاۋغۇست كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، "شىنجاڭنىڭ ھەر خىل تەبىئىي بايلىقلىرى مول، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېچىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى زور ,قاتناش قاتارلىق ھەر قايسى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىرى كۈندىن كۈنگە قويۇقلاشماقتا. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ كىچىك شىركەتلەر، چوڭ شىركەتلەر گۇرۇھلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئېچىشقا قاتناشماقتا، شىنجاڭ ناھايىتى جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىللىق زېمىنگە ئايلاندى." دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە باش ئەلچىسى ئوكتاي ئەپەندىمۇ جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشىدىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۆرىپ-ئادەت قاتارلىق تەرەپلەردىن كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق گۈللىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ، تاتار قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان بولۇپ، پەقەت تۈركىيلىك مېھمانلارنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەكلىپ قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.