ئۈرۈمچىدە "تۈرمە قانۇنى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن


2005.01.04

يېقىندا ئۈرۈمچى رايونىدىكى ھەر قايسى تۈرمە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيلەش ئورنىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن تۈرمە ساقچىسى "جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى جياڭ شيۇمىڭ تۈرمە سېستىمىسىدىكىلەردىن “تۈرمە قانۇنى” نىڭ ئىزچىللىشىش ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش، قانۇنغا تايىنىش، ئىلمىي باشقۇرۇش ھەمدە جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئادىل ۋە مەدەنىي بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ تۈرمە سېستىمىسىئائە قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئادىل ۋە مەدەنىي بولۇش دىگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ھېچقاچان ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، خىتاينىڭ تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇپ قىيناپ، مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇپ ھەمدە خالىغانچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىسپات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈرمىلەردە قاتتىق جازالانغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئىسپات بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.