خىتاي، تۇرپاننى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىش ھەققىدە تەستىق چۈشۈرگەن


2007-05-03
Share

خىتاي دۆلەت كابېنىتى يېقىندا تۇرپاننى دۆلەتنىڭ 'تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى' قىلىش ھەققىدە تەستىق چۈشۈرگەن. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومى، تۇرپاندىكى ساياھەت بايلىقلىرىنى قېزىپ، 16 ئورۇندا دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي مىراس ساياھەت ئورنى، 7 ئورۇندا دۆلەت بۇيىچە ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى، 2 ئورۇندا دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت كۆرگەزمىسى، 150 ئورۇندا ئەنئەنىۋىي ساياھەت ئورنى قۇرۇپ چىققان.

بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ھىندى-ياۋروپا-تۈرك مەدەنىيەتلىرى جەم بولغان، بەزى دەۋىرلەردە خىتاي مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرىپ يوقالغان تارىخى پاكىتلار ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۇرپاننى، خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى "دۇنيادىكى 4 چوڭ مەدەنىيەت سېستىمىسى جەم بولغان خۇئاشا مەدەنىيىتىنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىمى ۋە ئىناق جەمئىيەتنىڭ خوشاللىق باغچىسى" دەپ ئاتىۋالغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت