تۇرپان شەھىرى قۇم-بوران ئاپىىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

10‏- ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن تۇرپان شەھىرى كۈچلۈك قۇم-بوران ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توپا-توزاڭ كۈن نۇرىنى توسىۋالدى. شۇنداقلا كوچىلاردا كۆرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن دۇكانلار تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ تۇرپاندىكى 22 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق قۇم-بوران ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قۇم-بوران ئاپىتى غەربىي سىبىرىيىدىكى سوغاق ئېقىمنىڭ جەنۇبقا سۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. بۇ سوغاق ئېقىم تۈپەيلى تۇرپان رايونى ئەتراپىدا دەسلەپ كۈچلۈك شامال چىققان بولۇپ، تۇرپاندىن قۇمۇلغىچە بولغان رايونلاردىكى شامالنىڭ كۈچى ھەتتا ھەر مىنۇتىغا 52 مېتىر تېزلىككە يەتكەن.

تۇرپان ۋىلايەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئەركىن كېرەم ھازىر تۇرپان شەھىرىدە كۆرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئاران 20‏-30 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇم-بوران ئاپىتى 11‏- ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ ئاجىزلاشقا باشلايدىكەن.

سىبىرىيىدىن كىرگەن سوغاق ئېقىم بۇ يەردە قۇم- بوران ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا كەڭ دائىرىدە ھاۋا كېلىماتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلدى. شۇنداقلا بۇ، ئۇ جايلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.